كۈندىلىك ئاڭلىتىش
RFA
0
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ پودكاست ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر، خەلقارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئانالىزلارنى تەمىنلەيدۇ. ھەر كۈنى يېڭىلانغان بۇ پروگرامما ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن مۇھىم مەنبە.
Jaksot
-
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 11-سېنتەبىر) 11.09.2026 15minتونۇلغان چاقچاقچى مۇساجان ئەخمەتنىڭ خىتاي تۈرمىىسىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ترامپقا قارىتا چاقىرىقلىرىغا بىر خرىستىيان تەشكىلاتىمۇ ئاۋاز قوشتى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان دىني چەكلىمىلىرى ئىچكى ئۆلكىلەرگە كېڭەيگەن. شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىكى تەبرىكلەندى. تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىدىن ئالىي تەتقىقاتچى ئابدۇقېييۇم خوجا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ ئىجرائاتى سۈرۈشتە قىلىندى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېغىر زۇلۇم سىياستىگە ئون يىل بولدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 4-سېنتەبىر) 04.09.2026 15minساقچى خادىمى: ياتاقلىق يەسلى ئاشخانىسىدا چوشقا گۆشىمۇ تەڭشەپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ب د ت ئۇيغۇر دوكلاتىنىڭ تۆت يىللىقىدا خەلقئارادىن ئەمەلىي ھەرىكەت تەلەپ قىلدى. بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىم ستوكھولم رايونلۇق كېڭەش سايلىمىدا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بولدى. كۆزەتكۈچىلەر: ترامپنىڭ شى جىنپىڭ سۆھبىتىدە سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن قولىدا كۆزىرى بار. مەمەت توختى: خەلقئارا قانۇن بويىچە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە. زۇمرەتئاي ئەركىن ۋەكىلسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىدارە ھەيئەتلىكىگە سائلاندى. خەلقئارا ئەپۇ تەشكىلاتى ئەنگىلىيە شۆبىسىنىڭ "ئۇيغۇرلارغا تەڭكەش بولۇش ئېيى" پائالىيىتى ئاخىرلاشتى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 28-ئاۋغۇست) 28.08.2026 15minخىتاي تۈرمىسىدىكى ئوبزورچى يالقۇن روزى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. خىتاي دائىرىلىرى چەت ئەللىك تاراتقۇ خادىملىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىدى. ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرى پائالىيىتىگە مىڭلارچە بالا قاتناشتى. پاترىك پۇن: خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلغان. ئەزەربەيجان قارا تىزىملىكتىكى خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشماقتا. 11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەرەبچە كىتاب يەرمەنكىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى. يېڭى كىتاب «شىنجاڭ تەرتىپى»دە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى پاش قىلىندى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 21-ئاۋغۇست) 21.08.2026 15minخىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چېگرا ھالقىغان بېسىم ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە. يېڭى كىتاب «شىنجاڭ تەرتىپى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئەزا ئەتكەسچىلىكىنى پاش قىلدى. ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ۋېنگىرىيەدىكى 9-نۆۋەتلىك «ماجار-ھۇن-تۈرك قۇرۇلتىيى»غا قاتناشتى. ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلگەن خەلقمۇ؟ Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 14-ئاۋغۇست) 14.08.2026 14minقەشقەردىكى بىر ياتاقلىق يەسلىدىكى بەش بالىنىڭ پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن. ئارفىيە ئابلەتنىڭ ت د ت دىكى زىيارىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە قىزىقىش قوزغىدى. ئۆمەر قانات: خىتاينىڭ يېڭى چېگرا نىزامى خەلقئارانىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈندۇر. ئەركىن ئەكرەم: خىتاي خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى ئارقىلىق دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا. جەۋھەر ئىلھام ئامېرىكىنىڭ جازا تەدبىرىنى ئالقىشلىدى، خىتاي ئامېرىكادىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پروفېسسور، سوتسىئولوگ ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ يېڭى ئاكادېمىك كىتابى ئىنگلىزچە نەشىر قىلىندى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىلى 7-ئاۋغۇست) 07.08.2026 30min«سۇلايمان گۇۋاھ» ناملىق شېئىرنىڭ ئاپتورى، ئاتاقلىق شائىر تاھىر تالىپ ۋاپات بولدى. ئەكبەر شۈكۈرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى. رەھىمە مەھمۇت «تېلېگراف» گېزىتىدە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تىبەت قەھرىمانى لوبگا زاڭزېننى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلدى. ئادريان زېنز: يەنە 43 خىتاي كارخانىسى چەكلەش تىزىملىكىگە كىردى، خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمى يەنىلا زور. مەمەت توختى: خىتاي ئۆزىنىڭ چەت ئەللەرگە سوزغان «ئۇزۇن قولى»نى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلدى. جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا كەم دېگەندە 143 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 31-ئىيۇل) 31.07.2026 14minسابىق ساقچى جاڭ يابونىڭ خوتەن خانئېرىقتا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى دەلىللەندى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار يەكەن قەتلىئامىنىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. گېرمانىيە ئاخباراتى سابىق خىتاي ساقچىسى بىلەن سابىق ئۇيغۇر تۇتقۇننى يۈزلەشتۈردى. ئامېرىكىدا خىتاي زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەيدىغان خاتىرە ساراي تەسىس قىلىنماقچى. تۈرك يازغۇچى تاھا كىلىنچ خىتايپەرەس مۇخبىرلارنى قامچىلىدى: «نومۇسسىزلار». ماراكەش دائىرىلىرى دولقۇن ئەيسانى چېگرادا تۇتۇپ قېلىپ قايتۇرىۋەتتى. ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى "ئۈزۈلمەس رىشتە - ئۇيغۇر مۇنبىرى" ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى"غا قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 24-ئىيل) 24.07.2026 30minگېرمانىيىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئارافات ئادىل تۈركىيەنىڭ ئىگە چىقىشى بىلەن ساق-سالامەت ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلدى. ئارافات ئادىلنى چېگرادىن چىقىرىش قارارىنى گېرمانىيەنىڭ بادېن-ۋۇرتېمبېرگ شتاتىدىكى كارلسرۇھې ھۆكۈمىتى چىقارغانلىقى ئايدىڭلاشتى. ئەنۋەر ئەھمەت: ئارافاتنىڭ تۈركىيەگە قايتىشى خىتاينىڭ مەرھەمىتىدىن ئەمەس، خەلقئارانىڭ بېسىمىدىن بولدى. مۇنەۋۋەر ئابدۇللا زوردۇن سابىر ۋە «ئانا يۇرت» رومانىنى «جورجىئا تەقرىزى»دە تونۇشتۇردى. ئىستانبۇلدا 18-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى. دىلنۇر رەيھان: خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، مىللەت سۈپىتىدە يوقاتماقچى. دۆلەت مەجىلىسى ئەزالىرى پرېزىدېنت ترامپتىن خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نىڭ ۋەھىمىلىك تەسىرى ھەققىدە توختالدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 17-ئىيۇل) 17.07.2026 15minئاجىز گۈلجەننەت كامىلنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق قاماقخانىسىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. خىتاي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەدازلاشتا ئامېرىكىلىق بالىلارنىمۇ سۇيىئىستېمال قىلماقتا. ئامېرىكىدا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۇغلۇق ئابدۇرازاق ۋە گۈلناز ئابدۇقادىرنىڭ كىتابلىرى دىققەت قوزغىماقتا. تۈركىيەگە مال سالغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە بىر ئائىلىدىن ئۈچ ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان. ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەيۋەن تەشۋىقاتىغا سېلىشى ئۈنۈم بەرمەيدۇ Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 10-ئىيۇل) 10.07.2026 15min«شىنجاڭ» ھەربىي رايونى مۇئاۋىن قوماندانىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان. رابىيە قادىر خانىم ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزاكىرە يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈردى. گۈلچېھرە خوجا تەيبېيدىكى خەلقئارالىق يىغىندا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇردى. خىتاينىڭ پاكىستاندىكى «خالىسانە» داۋالىشى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى قىزىقتۇرالمىدى. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 17 يىلى: «ئۇنتۇمايمىز، ئۇنتۇلدۇرمايمىز!». لوبگا راڭزېننىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى ئۇيغۇر دىياسپوراسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. تاھىر ئىمىن «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئوبزور ئېلان قىلدى: «دۇنيا ئۇيغۇرلارنى تاشلىۋەتتى» Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 3-ئىيۇل) 03.07.2026 15minمەمەتقۇربان رېھىم: ئۈرۈمچىدىكى ھەدەم مەريەم رېھىمدىن 3 ئايدىن بېرى خەۋەر يوق. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىر قىسىم دورا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تەكشۈرمەكتە. ۋاشىنگتون ۋە ئامىستېرداملاردا خىتايغا قارشى كۆپ مىللەتلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدەتتى. شۋېتسىيەدە مەرھۇم ناخشىچى كۈرەش كۆسەننى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئوچۇق خەت يېزىپ خىتاينى جىددىي ئاگاھلاندۇردى. شەرقىي تۈركىستاندا يازلىق «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى باشلاندى. ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق بازىرىغا ئايلانماقتا. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 26-ئىيۇن) 26.06.2026 14minشەرقىي تۈركىستاندا يەنە «مەسىلىلەر»نى 30 يىل ئارقىغا ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش دولقۇنى قوزغالغان. ئارسلان ھىدايەت: خىتاي خەلقئارا چەكلىمىلەرنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ چېگرا ھالقىغان قولىنى ئۇزارتىۋاتىدۇ. تۈركىيەدە بىر رايون باشلىقى: خىتاي كونسۇلى بىلەن سۆھبىتىمدە ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق گەپ قىلمىدىم. تونۇلغان ژۇرنالىست گۈلچېھرە غوجانىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئالقىشلار ئىچىدە داۋام قىلماقتا. پائالىيەتچى رۇشەن ئابباس كىشىلىك ھوقۇق چېمپىيونى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ياۋروپا پارلامېنتى دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىككە قارشى تۇرۇش قارارىنى ماقۇللىدى. خىتايلارنىڭ شىخەنزە شەھىرىدكى كوللېكتىپ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىدى. ۋولكېرت تۈرك خىتاينى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 19-ئىيۇن) 19.06.2026 14minئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيىبلەش قارارىنى بىردەك ماقۇللىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيەسى تايلاندنى ئىككى ئۇيغۇر ئۈستىدىكى ئۆلۈم ھۆكۈمىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى. دوختۇرخانا باشلىقى ساتتار قۇربان «5-ئىيۇل» يارىدارىنى داۋالىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى مالايسىيادا تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بەردى. كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مۇھاجىر رۇسۇلنىڭ خەتتاتلىق ماھارىتى ئالقىشقا ئېرىشتى. دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى. "ئۇيغۇر روھىي ساغلاملىق تەشەببۇسى" تەشكىلاتى دالا پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. كانادادا خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تەدبىرلەر كۈچەيمەكتە. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 12-ئىيۇن) 12.06.2026 15minرابىيە قادىر خانىم ئىككى ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان تايلاند سوتىنى ئەيىبلىدى. 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى يىغىنى بېرلىندا باشلاندى. سۈبھى بۆرە: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق تەرىپى — ئۇنتۇلدۇرۇش. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى: ئۇيغۇر تىلى مەدەنىي مىراسمۇ ئەمەس، ئىستراتېگىيەلىك قورال. كانادا كېڭەش پالاتاسىدا مەھبۇس گۈلشەن ئابباسنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى. يازغۇچى ۋە پېداگوگ ئابدۇللا تالىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى. ئامېرىكىدا ياش ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ كىتاب تونۇشتۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ياشلار مەجبۇرىي ئەمگەك سېمىنارى ئاخىرلاشتى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 5-ئىيۇن) 05.06.2026 15minشەرقىي تۈركىستاننىڭ بەزى جايلىرىدا قۇربان ھېيت نامىزى ئورنىغا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. 2026-يىللىق ئوسلو مۇنبىرىدە رۇشەن ئابباس، زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە كەۋسەر ياسىنلار سەھنىدە. خىتاينىڭ جازالىرى ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى ھەرىكەتتىن توختىتالمىدى. قازاق پائالىيەتچىلەر ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن قىيىن ئەھۋالدا قويۇلماقتا. شەرقىي تۈركىستاندىكى قاماق سىستېمىسىنىڭ يېڭى كۆلىمى ئاشكارىلاندى. شەرقىي تۈركىستان كوماندىسى "ئەركىنلىك لوڭقىسى" پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك يادرو مۇداپىئە تورى بەرپا قىلماقتا. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 29-ماي) 29.05.2026 15minدەۋا سېپىدىكى ياشلارنىڭ خىزمەتلىرىدىن مەمنۇنمەن ۋە ئۈمىدۋارمەن (ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ قۇربان ھېيتلىق تەبرىك سۆزى). مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىدا ۋەتەندىكى مەھبۇسلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى. خىتاينىڭ قۇربان بايرىمى «تىياتىرى» بۇ يىلمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. خىتاينىڭ ئافرىقىدا ئىشقا يارىغان چېگرا ھالقىغان قولى بېرلىندا كارغا كەلمىدى. قازاق پائالىيەتچىلەرنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسى زىيارەت سەپىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى راھىلە داۋۇتنىڭ 60 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدى. پائالىيەتچى ئۈمىد خەمىت ئاگاھى تىبەت مۇستەقىللىق يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ مەخسۇس سۆز قىلدى. خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئەتلىسى تونۇشتۇرۇلدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 22-ماي) 22.05.2026 15min1. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھەج چەكلىمىسى 9-يىلىغا قەدەم قويدى.2. مەجلىس ئەزاسى ھېرا بات: خىتايلارنىڭ ھۆكۈمەت زالىمىزدا چاغان ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت يوق.3. ئۇيغۇر-تىبەت-موڭغۇل ئەركىنلىك لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.4. تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي رەسمىي رەھبەرلەر يىغىنى تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلدى.5. جەۋھەر ئىلھام ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەردى.6. سۇرىيەدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ رولى ۋە بېيجىڭنىڭ كۈچىيۋاتقان دىپلوماتىك بېسىمى.7. ياپونىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت لېكسىيەلەر داۋاملاشماقتا. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 15-ماي) 15.05.2026 15min1. ترامپنىڭ خىتاي زىيارىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى چەكلەنگەن2. قانۇنسىز دۇمباقچىلىق ئامېرىكىدىكى خىتاي شەھەر باشلىقىنى تەختىدىن يىقىتتى.3. ئىندىيانادا ماركو پولو ئۇيغۇر مەدەنىيەت كارۋان سارايى قەد كۆتۈرمەكتە.4. جاسارەتلىك قەدەم گوللاندىيەدە يېڭى قانۇننىڭ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى.5. ئۇيغۇرلارنىڭ تىك-توكتىكى ئاھۇ-زارى: خىتاي زۇلۇمى ئاستىدىكى ئېچىنىشلىق مەنزىرە.6. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى ب د ت غا «مۇستەملىكىسىزلەشتۈرۈش» ئىلتىماسى سۇندى.7. رەيھان ئەسەت پىرېزىدېنت تىرامپنى تۈرمىدىكى ئىنىسى ئەكبەر ئەسەتنى قۇتقۇزۇشقا چاقىردى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 8-ماي) 08.05.2026 15min 1.مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 5-ماي دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى2. ئارفىيە ئابلەتنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتىدىكى ئۇيغۇرچە سۆزى تەسىر قوزغىدى3.لوندوندا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەدەنىيەت كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى4.ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋازى «كۆچمەنلىك يىپلىرى» ناملىق سەنئەت تۈرىدە نامايەن بولدى5.خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنسان ھەقلىرى يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان6.ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئامېرىكا سوتىغا سىسكو دېلوسى ھەققىدە بايانات سۇندى7.ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» ھەققىدە قارار ماقۇللىدى8.تۈرمىدە تۈزۈلگەن پىلان: ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 1-ماي) 01.05.2026 14min1.قەشقەردە ئاھالىلەرگە ئائىلە-تەۋەبىئاتلىرىنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرىنى جەمئىيەتكە تارقاتماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلگەن2.ئامېرىكىدا پاناھلانغۇچىلارنىڭ «ۋەتىنىگە يورغىلىشى»نى توسىدىغان قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى3.قاسىمجان قەشقىرى كۇلمان يازغۇچىلار مەركىزىنىڭ تەتقىقات مۇكاپاتى پروگراممىسىغا تاللاندى4.خىتاي ۋەكىلى ب د ت يىغىنىدا دولقۇن ئەيسانى تېررورچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىپلىدى5.لابۇبۇ قورچاقلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق پاختا بايقالدى6.مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن «ئۇيغۇرچە قەلئە» ناملىق قوشاقلار توپلىمى نەشر قىلىندى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
Suosittu maassa
Tämä podcast esiintyy myös näiden maiden podcast-listoilla.