كۈندىلىك ئاڭلىتىش
RFA
0
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ پودكاست ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر، خەلقارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئانالىزلارنى تەمىنلەيدۇ. ھەر كۈنى يېڭىلانغان بۇ پروگرامما ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن مۇھىم مەنبە.
Episodes
-
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 24-ئىيل) 24.07.2026 30mگېرمانىيىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئارافات ئادىل تۈركىيەنىڭ ئىگە چىقىشى بىلەن ساق-سالامەت ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلدى. ئارافات ئادىلنى چېگرادىن چىقىرىش قارارىنى گېرمانىيەنىڭ بادېن-ۋۇرتېمبېرگ شتاتىدىكى كارلسرۇھې ھۆكۈمىتى چىقارغانلىقى ئايدىڭلاشتى. ئەنۋەر ئەھمەت: ئارافاتنىڭ تۈركىيەگە قايتىشى خىتاينىڭ مەرھەمىتىدىن ئەمەس، خەلقئارانىڭ بېسىمىدىن بولدى. مۇنەۋۋەر ئابدۇللا زوردۇن سابىر ۋە «ئانا يۇرت» رومانىنى «جورجىئا تەقرىزى»دە تونۇشتۇردى. ئىستانبۇلدا 18-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى. دىلنۇر رەيھان: خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، مىللەت سۈپىتىدە يوقاتماقچى. دۆلەت مەجىلىسى ئەزالىرى پرېزىدېنت ترامپتىن خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نىڭ ۋەھىمىلىك تەسىرى ھەققىدە توختالدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 17-ئىيۇل) 17.07.2026 15mئاجىز گۈلجەننەت كامىلنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق قاماقخانىسىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. خىتاي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەدازلاشتا ئامېرىكىلىق بالىلارنىمۇ سۇيىئىستېمال قىلماقتا. ئامېرىكىدا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۇغلۇق ئابدۇرازاق ۋە گۈلناز ئابدۇقادىرنىڭ كىتابلىرى دىققەت قوزغىماقتا. تۈركىيەگە مال سالغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە بىر ئائىلىدىن ئۈچ ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان. ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەيۋەن تەشۋىقاتىغا سېلىشى ئۈنۈم بەرمەيدۇ Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 10-ئىيۇل) 10.07.2026 15m«شىنجاڭ» ھەربىي رايونى مۇئاۋىن قوماندانىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان. رابىيە قادىر خانىم ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزاكىرە يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈردى. گۈلچېھرە خوجا تەيبېيدىكى خەلقئارالىق يىغىندا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇردى. خىتاينىڭ پاكىستاندىكى «خالىسانە» داۋالىشى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى قىزىقتۇرالمىدى. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 17 يىلى: «ئۇنتۇمايمىز، ئۇنتۇلدۇرمايمىز!». لوبگا راڭزېننىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى ئۇيغۇر دىياسپوراسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. تاھىر ئىمىن «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئوبزور ئېلان قىلدى: «دۇنيا ئۇيغۇرلارنى تاشلىۋەتتى» Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 3-ئىيۇل) 03.07.2026 15mمەمەتقۇربان رېھىم: ئۈرۈمچىدىكى ھەدەم مەريەم رېھىمدىن 3 ئايدىن بېرى خەۋەر يوق. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىر قىسىم دورا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تەكشۈرمەكتە. ۋاشىنگتون ۋە ئامىستېرداملاردا خىتايغا قارشى كۆپ مىللەتلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدەتتى. شۋېتسىيەدە مەرھۇم ناخشىچى كۈرەش كۆسەننى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئوچۇق خەت يېزىپ خىتاينى جىددىي ئاگاھلاندۇردى. شەرقىي تۈركىستاندا يازلىق «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى باشلاندى. ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق بازىرىغا ئايلانماقتا. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 26-ئىيۇن) 26.06.2026 14mشەرقىي تۈركىستاندا يەنە «مەسىلىلەر»نى 30 يىل ئارقىغا ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش دولقۇنى قوزغالغان. ئارسلان ھىدايەت: خىتاي خەلقئارا چەكلىمىلەرنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ چېگرا ھالقىغان قولىنى ئۇزارتىۋاتىدۇ. تۈركىيەدە بىر رايون باشلىقى: خىتاي كونسۇلى بىلەن سۆھبىتىمدە ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق گەپ قىلمىدىم. تونۇلغان ژۇرنالىست گۈلچېھرە غوجانىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئالقىشلار ئىچىدە داۋام قىلماقتا. پائالىيەتچى رۇشەن ئابباس كىشىلىك ھوقۇق چېمپىيونى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ياۋروپا پارلامېنتى دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىككە قارشى تۇرۇش قارارىنى ماقۇللىدى. خىتايلارنىڭ شىخەنزە شەھىرىدكى كوللېكتىپ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىدى. ۋولكېرت تۈرك خىتاينى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 19-ئىيۇن) 19.06.2026 14mئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيىبلەش قارارىنى بىردەك ماقۇللىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيەسى تايلاندنى ئىككى ئۇيغۇر ئۈستىدىكى ئۆلۈم ھۆكۈمىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى. دوختۇرخانا باشلىقى ساتتار قۇربان «5-ئىيۇل» يارىدارىنى داۋالىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى مالايسىيادا تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بەردى. كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مۇھاجىر رۇسۇلنىڭ خەتتاتلىق ماھارىتى ئالقىشقا ئېرىشتى. دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى. "ئۇيغۇر روھىي ساغلاملىق تەشەببۇسى" تەشكىلاتى دالا پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. كانادادا خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تەدبىرلەر كۈچەيمەكتە. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 12-ئىيۇن) 12.06.2026 15mرابىيە قادىر خانىم ئىككى ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان تايلاند سوتىنى ئەيىبلىدى. 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى يىغىنى بېرلىندا باشلاندى. سۈبھى بۆرە: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق تەرىپى — ئۇنتۇلدۇرۇش. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى: ئۇيغۇر تىلى مەدەنىي مىراسمۇ ئەمەس، ئىستراتېگىيەلىك قورال. كانادا كېڭەش پالاتاسىدا مەھبۇس گۈلشەن ئابباسنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى. يازغۇچى ۋە پېداگوگ ئابدۇللا تالىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى. ئامېرىكىدا ياش ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ كىتاب تونۇشتۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ياشلار مەجبۇرىي ئەمگەك سېمىنارى ئاخىرلاشتى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 5-ئىيۇن) 05.06.2026 15mشەرقىي تۈركىستاننىڭ بەزى جايلىرىدا قۇربان ھېيت نامىزى ئورنىغا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. 2026-يىللىق ئوسلو مۇنبىرىدە رۇشەن ئابباس، زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە كەۋسەر ياسىنلار سەھنىدە. خىتاينىڭ جازالىرى ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى ھەرىكەتتىن توختىتالمىدى. قازاق پائالىيەتچىلەر ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن قىيىن ئەھۋالدا قويۇلماقتا. شەرقىي تۈركىستاندىكى قاماق سىستېمىسىنىڭ يېڭى كۆلىمى ئاشكارىلاندى. شەرقىي تۈركىستان كوماندىسى "ئەركىنلىك لوڭقىسى" پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك يادرو مۇداپىئە تورى بەرپا قىلماقتا. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 29-ماي) 29.05.2026 15mدەۋا سېپىدىكى ياشلارنىڭ خىزمەتلىرىدىن مەمنۇنمەن ۋە ئۈمىدۋارمەن (ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ قۇربان ھېيتلىق تەبرىك سۆزى). مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىدا ۋەتەندىكى مەھبۇسلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى. خىتاينىڭ قۇربان بايرىمى «تىياتىرى» بۇ يىلمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. خىتاينىڭ ئافرىقىدا ئىشقا يارىغان چېگرا ھالقىغان قولى بېرلىندا كارغا كەلمىدى. قازاق پائالىيەتچىلەرنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسى زىيارەت سەپىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى راھىلە داۋۇتنىڭ 60 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدى. پائالىيەتچى ئۈمىد خەمىت ئاگاھى تىبەت مۇستەقىللىق يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ مەخسۇس سۆز قىلدى. خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئەتلىسى تونۇشتۇرۇلدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 22-ماي) 22.05.2026 15m1. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھەج چەكلىمىسى 9-يىلىغا قەدەم قويدى.2. مەجلىس ئەزاسى ھېرا بات: خىتايلارنىڭ ھۆكۈمەت زالىمىزدا چاغان ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت يوق.3. ئۇيغۇر-تىبەت-موڭغۇل ئەركىنلىك لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.4. تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي رەسمىي رەھبەرلەر يىغىنى تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلدى.5. جەۋھەر ئىلھام ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەردى.6. سۇرىيەدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ رولى ۋە بېيجىڭنىڭ كۈچىيۋاتقان دىپلوماتىك بېسىمى.7. ياپونىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت لېكسىيەلەر داۋاملاشماقتا. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 15-ماي) 15.05.2026 15m1. ترامپنىڭ خىتاي زىيارىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى چەكلەنگەن2. قانۇنسىز دۇمباقچىلىق ئامېرىكىدىكى خىتاي شەھەر باشلىقىنى تەختىدىن يىقىتتى.3. ئىندىيانادا ماركو پولو ئۇيغۇر مەدەنىيەت كارۋان سارايى قەد كۆتۈرمەكتە.4. جاسارەتلىك قەدەم گوللاندىيەدە يېڭى قانۇننىڭ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى.5. ئۇيغۇرلارنىڭ تىك-توكتىكى ئاھۇ-زارى: خىتاي زۇلۇمى ئاستىدىكى ئېچىنىشلىق مەنزىرە.6. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى ب د ت غا «مۇستەملىكىسىزلەشتۈرۈش» ئىلتىماسى سۇندى.7. رەيھان ئەسەت پىرېزىدېنت تىرامپنى تۈرمىدىكى ئىنىسى ئەكبەر ئەسەتنى قۇتقۇزۇشقا چاقىردى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 8-ماي) 08.05.2026 15m 1.مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 5-ماي دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى2. ئارفىيە ئابلەتنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتىدىكى ئۇيغۇرچە سۆزى تەسىر قوزغىدى3.لوندوندا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەدەنىيەت كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى4.ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋازى «كۆچمەنلىك يىپلىرى» ناملىق سەنئەت تۈرىدە نامايەن بولدى5.خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنسان ھەقلىرى يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان6.ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئامېرىكا سوتىغا سىسكو دېلوسى ھەققىدە بايانات سۇندى7.ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» ھەققىدە قارار ماقۇللىدى8.تۈرمىدە تۈزۈلگەن پىلان: ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 1-ماي) 01.05.2026 14m1.قەشقەردە ئاھالىلەرگە ئائىلە-تەۋەبىئاتلىرىنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرىنى جەمئىيەتكە تارقاتماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلگەن2.ئامېرىكىدا پاناھلانغۇچىلارنىڭ «ۋەتىنىگە يورغىلىشى»نى توسىدىغان قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى3.قاسىمجان قەشقىرى كۇلمان يازغۇچىلار مەركىزىنىڭ تەتقىقات مۇكاپاتى پروگراممىسىغا تاللاندى4.خىتاي ۋەكىلى ب د ت يىغىنىدا دولقۇن ئەيسانى تېررورچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىپلىدى5.لابۇبۇ قورچاقلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق پاختا بايقالدى6.مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن «ئۇيغۇرچە قەلئە» ناملىق قوشاقلار توپلىمى نەشر قىلىندى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 24-ئاپرىل) 24.04.2026 15mئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى ئەخمەت ئىگەمبەردى ۋاپات بولدى.مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى مەرھۇم ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ھاياتىغا يۈكسەك باھا بەردى.ئورالخان ئابېنقىزى: يولدىشىم جىنايەت ئۆتكۈزمىدى، مىللىي ۋە ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلدى.سېيىت تۈمتۈرك تۈرك يازغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.ئادىيان زېنزنىڭ يېڭى دوكلاتى: لاگېرلار تۈرمىگە ۋە يوشۇرۇن تەقىپكە ئۆزگەرگەن.ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىگە سىڭىپ كىرگەن. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 17-ئاپرىل) 17.04.2026 15m1. ئارفىيە ئېلى «دۇنياۋى ئالاھىدە ياش رەھبەرلەر» قاتارىغا تاللاندى.2. پائالىيەتچى ئابلىكىم ئىدرىس مالايسىيا چېگراسىدىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىلدى.3. سابىق مۇئاۋىن ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان.4. ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى.5. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى شىۋېتسىيەدە جەم بولدى.6. تەتقىقاتچى جېن بۇنىن ب د ت نى پاكىتلار بىلەن تەمىنلەش كۆرسەتمىسى ئېلان قىلدى.7. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېخنىكىىلىق نازارەت سىستېمىسى خەلقئارادا ئەندىشە قوزغىماقتا. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 10-ئاپرىل) 10.04.2026 15mبارىن قوزغىلىڭىنىڭ 36 يىللىقى خاتىرىلەندى. دۇكىنىغا ھاراق سالمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ئەخمەت مەمەت ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان. گىۋاتېمالادا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى. دوكتور نەبىجان تۇرسۇن سابىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئارمىيە بايرىمىنى خاتىرىلەپ ماقالە ئېلان قىلدى. ئارفىيە ئېلى مومىسى رەيھان قاسىمنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بايانات بەردى. ئۇيغۇر رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي تەكشۈرۈلگەن. سۇلايمان ئەزىز ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كەچۈرمىشلىرىنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىدى. خىتاينىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە يېڭىدىن ناھىيە تەسىس قىلىشى دىققەت قوزغىدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 3-ئاپرىل) 03.04.2026 10mخىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى يوقىتىش قەدىمىنى يەنە بىر باسقۇچ ئىلگىرىلەتتى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەكبەر ئەسەتنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق ئىتالىيەدە «جاسارەت ئوبرازى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. كانادا پارلامېنت ئەزاسى مايكول ما ئۆزىنىڭ نامۇۋاپىق سۆزلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى. تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە ئامېرىكىدا دوكلات بەردى.مۇھەررىردىن ئەسكەرتمە: بۇ خەۋەرلەر يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن 2026-يىلى 5-ئاپرىلدا يېڭىلاندى. ئەسلى نۇسخىسىدىكى بەزى تەپسىلاتلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026 -يىل، 27 -مارت) 27.03.2026 14mسابىق تۇتقۇن بەختىيار ئۆمەر لاگىردىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئائىلىسىدەجان ئۈزگەن. كانادا پارلامېنتىدا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋتى بىلەن ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. تەتقىقاتچى ئەزىز ئىسا ئەلكۈننىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرىسىتېتلىرىدىكى لېكسىيە زىيارىتى داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇر پوچتىسى خىتاينىڭ بەيدۇ شىركىتىگە چېتىشلىق بىر مەنبەدىن تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. خىتاي تەتقىقاتچى ئافغانىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشىنى رەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار روزا ھېيت بىلەن نورۇز بايرىمىنى قوش خۇشاللىق ئىچىدە تەبرىكلىدى. تۈركىيە ۋە قازاقىستان باش ئەلچىلىرى بېيجىڭدا خىتاينىڭ «شىنجاڭ» سىياسىتىنى مەدىھىيەلىدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى( 2026-يىلى 20-مارت) 20.03.2026 15mشەرقى تۈركىستاندىكى بىر قىسىم ئايرىدۇرۇملارنىڭ يېزىق تاختىلىرىدا ئۇيغۇرچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information. -
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى ( 2026 -يىلى 13 -مارت) 13.03.2026 15m1. روزا تۇتقانلىقى پاش بولغان روزىنىسا مەتروزى قاماقخانىدا جان ئۇزگەن2. گاگا شەەۆكمەت، چاغان پائالىيىتىدە چىققان ماجىرادا ئابدۇرەېنىغا قىلىنغان مۇئامىلىنى زوراۋانلىق دەپ ئەيىبلىدى3. خىتاينىڭ غوللۇق بىر تەشۋىقات سۇپىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئابدۇرەېنىنى ۋەتەن خائىنى دەپ ئېلاان قىلغان4. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ قارىلىشىغا ئۇچرىغان ياپون پارلامېنت ئەزاسى ئارفىيە ئابلەتنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى.5. تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 67-يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلرىمۇ قاتناشتى6. ئۇيغۇر تارىخىنى سىستېمىلىق ئوگىنىشنىڭ يېڭى بىر مۇ7. خىتاي سەنئەتكار قولىدا ئۈرۈمچىدە لاگىردىكىلەرنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋەققىدە ۋىدىئو بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
Popular in
The podcast also appears in the podcast charts of these countries.